UyghurYar

ياردەمدە ئۇيغۇريار

ياردەمدە ئۇيغۇريار ئۇيغۇريار قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇريار كېڭەش ھەيئىتىگە سۇنغان خۇلاسە دوكىلاتىم ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى بۇندىن بىر يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە… Read More »ياردەمدە ئۇيغۇريار

«ئۇيغۇرۇم – ئانام» ئانا تىل كۆرىكى باھالاش خۇلاسىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئاناتىل مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇش يۈزىسىدىن، «ئۇيغۇرۇم ئانام» ئانا تىل كۆرىكىگە مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار چاقىرىقىمىزغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پەرزەنتلىرىنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىزگە ئەۋەتتى. بىز 2017 – يىلى    12- ئاينىڭ 15- كۈنىگە قەدەر جەمئى 14 پارچە ناخشا ۋە دېكلاماتسىيە، 40 پارچە تۈرلۈك رەسىم ۋە گۈزەل – سەنئەت ئەسىرى، 3 پارچە ئەدەبىي ئەسەر تاپشۇرۇۋالدۇق. بىزگە ئەسەر ئەۋەتكەن بۇ ئوماقلىرىمىزنىڭ كىچىكى ئۈچ ياش، چوڭى 12 ياش بولۇپ، بۇلار ئۆز يېشىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ ئىشقا بەكمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى، شۇنداقلا  بىزنى قوللىغان، پەرزەنتلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن، ۋاقىت چىقىرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ناخشا، دېكلاماتسىيەلىرىنى، رەسىم ۋە گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرىنى سىنغا ئېلىپ ۋە سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتكەن ئاتا -ئانىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

كەچۈرۈڭلار بالىلار

كەچۈرۈڭلار بالىلار ئابدۇۋەلى ئايۇپ («ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر كۆرىكىنىڭ نەتىجىسى 10-دېكابىر ۋاقتىدا ئېلان قىلىنماي كېچىكىپ كەتتى. سەۋەبى بالىلارغا ئېلىنغان سوۋغات ۋە سوۋغاتقا زىننەتلىنىپ ھەدىيە… Read More »كەچۈرۈڭلار بالىلار

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى (2017.11.01- 2017.11.30)

  ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى (2017.11.01- 2017.11.30) يىغىلغان ياردەم سوممىسى ئورنى ۋاقتى 500 كانادا دوللىرى كانادا 11.01 50 تۈرك لىراسى تۈركىيە 11.07 500 تۈرك لىراسى تۈركىيە… Read More »ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى (2017.11.01- 2017.11.30)

ئۇيغۇريار فوندى ئوقۇش ياردىمىگە تاللاش ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات

سالام كۆپچىلىك، ئۇيغۇر يار فوندىمىز چەكلىك مەبلەغنى ئەڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنغا ئىشلىتىش پىرىنسىپى ۋە ئۇيغۇر يار فوندىنىڭ ئوقۇش ياردم پۇلىغا ئىلتىماس قىلغانلارنى تاللاش شەرتلىرىگە ئاساسەن، بۇ… Read More »ئۇيغۇريار فوندى ئوقۇش ياردىمىگە تاللاش ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات

ئۇيغۇريار ئوقۇش ياردەم تۈرىدىن خۇلاسە

ئۇيغۇريار ئوقۇش ياردەم تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە بىر قاتار باھالاشلاردىن كىيىن ئىككى نەپەر دوكتور ئاسپىرانتى، ئۈچ نەپەر ماگېستىر ئاسپىرانتى، بىر نەپەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ۋە يەتتە نەپەر تولۇق ئوتتۇرا ۋە تۈركچە كۇرس ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇريار نىڭ ئوقۇش ياردەم تۈرىگە ئېرىشتى.

«ئ‍ۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق بالىلار ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

«سىزنىڭ بالىڭىز ئۇيغۇرنىڭ بالىسى، ئۇيغۇرنىڭ كېلەچىكى، ھەممىمىزنىڭ بالسى» ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ئەۋلادلارنى تېخىمۇ ياراملىق تەربىيەلەشكە ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشۇش نىيىتىدە ئ‍ۇيغۇريار تور بېتىمىز «ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدا… Read More »«ئ‍ۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق بالىلار ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇريار تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى

ئىلتىماس قىلىش ئاخىرلاشتى! ئۇيغۇريار فوندى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن تۈركىيەدە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. 2017-يىلى تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن… Read More »ئۇيغۇريار تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى