ئۇقتۇرۇش

2-قىتىملىق «ئ‍ۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق بالىلار ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

«سىزنىڭ بالىڭىز ئۇيغۇرنىڭ بالىسى، ئۇيغۇرنىڭ كېلەچىكى، ھەممىمىزنىڭ بالسى» ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ئەۋلادلارنى تېخىمۇ ياراملىق تەربىيەلەشكە ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشۇش نىيىتىدە ئ‍ۇيغۇريار، ئاناتىل تېلۋىزىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئاداشلار گۇرۇپپىسى بىرلىشىپ 2-قىتىملىق «ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدا مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى. پائالىيەت مۇنداق 2 چوڭ تۈر بويىچە بولىدۇ. 1- «ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمسىدىكى رەسىملەر، داۋامىنى ئوقۇش…

يوللىغۇچى: ئۇيغۇريار، بۇرۇن
ئۇقتۇرۇش

ئۇيغۇرياردىن 2017 – يىللىق  خۇلاسە ۋە 2018-يىللىق پىلان

ئۇيغۇرياردىن 2017 – يىللىق  خۇلاسە ۋە 2018-يىللىق پىلان ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىزگە ياردەمدە بولغان ۋە بولۇۋاتقان قېرىنداشلار. ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى بۇندىن بىر بىر يىل مۇقەددەم جامائەتكە سۇنۇلغان ئىدى. بۇ بىر يىل داۋامىدا بىز ھەرقايسىڭلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللشىڭلار ۋە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە بىرقىسىم ئىشلارنى قىدۇق ۋە داۋامىنى ئوقۇش…

يوللىغۇچى: ئۇيغۇريار، بۇرۇن
ئۇقتۇرۇش

«ئۇيغۇرۇم – ئانام» ئانا تىل كۆرىكى باھالاش خۇلاسىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئاناتىل مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇش يۈزىسىدىن، «ئۇيغۇرۇم ئانام» ئانا تىل كۆرىكىگە مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار چاقىرىقىمىزغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پەرزەنتلىرىنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىزگە ئەۋەتتى. بىز 2017 – يىلى    12- ئاينىڭ 15- كۈنىگە قەدەر جەمئى 14 پارچە ناخشا ۋە دېكلاماتسىيە، 40 پارچە تۈرلۈك رەسىم ۋە گۈزەل - سەنئەت ئەسىرى، 3 پارچە ئەدەبىي ئەسەر تاپشۇرۇۋالدۇق. بىزگە ئەسەر ئەۋەتكەن بۇ ئوماقلىرىمىزنىڭ كىچىكى ئۈچ ياش، چوڭى 12 ياش بولۇپ، بۇلار ئۆز يېشىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ ئىشقا بەكمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى، شۇنداقلا  بىزنى قوللىغان، پەرزەنتلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن، ۋاقىت چىقىرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ناخشا، دېكلاماتسىيەلىرىنى، رەسىم ۋە گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرىنى سىنغا ئېلىپ ۋە سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتكەن ئاتا -ئانىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

يوللىغۇچى: ئۇيغۇريار، بۇرۇن