ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ستۇدېنت قېرىنداشلار، ئۇيغۇريار فوندىنىڭ 2018 – يىللىق يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتماس قىلىش باشلاندى. ياردەمگە ئېھتىياجلىق ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش جەدېۋىلىنى ئەستايىدىل توشقۇزغاندىن سىرت، ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى ئوقۇش نەتىجىلىرى تەلەپ قىلىنىدۇ.

تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەنلەردىن تولۇق ئوتتۇرا دەرس نەتىجىلىرى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن  ئالدىنقى مەۋسۇملاردىكى  دەرس نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ. (فاكۇلتېتى ياكى مەكتىپى تەمىنلىگەن رەسمىي نەتىجە بولۇشى كېرەك)

ماگېستىر ئوقۇغۇچىلاردىن كەسپىي تەييارلىقىنى تۈگىتىپ، دەرسىنى رەسمىي باشلىغانلار ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. ماقالە يېزىش باسقۇچىغا يېڭى قەدەم قويغانلار بولسا، ئالاھىدە مۇلاقات قىلىنىپ، فوندنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلاردىنمۇ تەييارلىق باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرغانلار ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.

ئوقۇش ياردەم سوممىسى تولۇق كۇرس 700لىرا، ماگېسىتىرلىق 800لىرا، دوكتورلۇق 1200لىرا بولۇپ،  يىلدا 8 ئاي بېرىلىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى 2017-يىلى 30 – دېكابىردىن 2018-يىلى 10-فېۋرالغىچە.

ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن ئۆزىگە ماس كەلگەننى چۈشۈرۈپ، بېسىپ چىقىرىپ، تولدۇرۇپ، ئىمزالاپ ۋە سكەنېرلەنگەن ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى ئاستىدىكى ئىلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.
دوكتۇر، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس جەدۋىلى: چۈشۈرۈڭ
تولۇق كۇرس ئوقۇچىلىرى ئىلتىماس جەدۋىلى: چۈشۈرۈڭ
تىزىملىتىش ئادرىسى: www.uyghuryar.org
ئىلخەت : uyghuryar123@gmail.com

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ھىچ بىر شەكىلدە ئاشكارىلانمايدۇ، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكى توردا ئىلان قىلىنمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار خاتىرجەم ئىلتىماس قىلىۋەرسە بولىدۇ.


جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز